باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۆلەت باج باش ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم سۆھبەت رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەش ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.04.05 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاپرېل تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم رىياسەتچىلىك قىلىپ سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  دۆلەت باج باش ئىدارىسىدە، لى كېچياڭ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، يانداش چارىلەرنىڭ بېكىتىلىشى، باج ئېلىش ۋە باشقۇرۇش ئۇچۇرى سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ۋىدېئو ئارقىلىق ئاساسي قاتلام باج كادىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا، كەسىپ دائىرىسى ۋە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش دائىرىسىنى «قوش كېڭەيتىش» يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن قۇرۇلۇش، ئۆي مۈلۈك، پۇل مۇئامىلە، تۇرمۇش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت تۆت كەسىپ ساھەسىدىكى 1000 دىن ئارتۇق باج تاپشۇرغۇچىغا چېتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئۆلچەشنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى قۇرۇلما خاراكتېرلىك باج كېمەيتىش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇش، ئىسلاھات «قىزىل بولىقى» نى كارخانىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت كىرىمىنى «كېمەيتىش چارىسى» ئارقىلىق كاخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنى «ئاشۇرۇش»، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى «ئاشۇرۇش».

  مالىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسىدە، لى كېچياڭ بۇ قېتىمقى دائىرىسى كېڭەيتىلگەن كەسىپ ئىسلاھاتىدىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى باج يۈكىنىڭ يېنىكلىتىلى-ئۆزگۈرىشى، كارخانىلارنىڭ يەنە قانداق تەشۋىشى بارلىقىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ جېكىلەپ مۇنداق دېدى: تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش بۇ يىل ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات، بولۇپمۇ تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا، بۇ شاھمات ياخشى ئوينالسا، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادى تېخىمۇ ياخشى جانلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن سىناق نۇقتا كەسىپلىرىنىڭ تىجارەت بېجى ئەسلىدىكى تىجارەت بېجى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ تەخمىنەن ٪80 ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ۋە ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مەنپەئىتىنى تەڭشەشتە كەسكىن ئىش تۇتۇش جاسارىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بار قىيىنچىلىقلارنى تولۇق مۆلچەرلەپ، ئالدىنقى باسۇچتىكى سىناق نۇقتا تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى بىر تۇتاش ياخشى تۈزۈپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىسلاھاتتىن كېيىنكى بارلىق كەسىپ بېجى يۈكىنى ئاشۇرماي كېمەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تەستىقلانغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا جەمئىيەتكە بېرىلگەن ۋەدە بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىلا بولىدۇكى، قېيىپ كېتىشكە بولمايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر