باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلى ئېلىمىز ئاھالىلىرى چېگرا سىرتىدا كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلغان پۇل سوممىسى 133 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى

2016.04.01 17:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تاشقى پېرىۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان چەتئەللەرگە مۇناسىۋەتلىك بانكا كارتىسىنى ئىستاتىستىكا قىلىش سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، 2015-يىلى ئېلىمىز ئاھالىلىرى چېگرا سىرتىدا كارتا سۈرۈپ ئىستىمال قىلغان پۇل سوممىسى 133 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مال سېتىۋېلىش چىقىمى ئاساسىي ئورۇندا بولۇپ، 83 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن، بۇ كارتا سۈرۈپ ئىستىمال قىلىش سوممىسىنىڭ %63ىنى ئىگىلەيدىكەن، ئاساسلىقى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا مەركەزلەشكەن.

  دۆلەتلىك تاشقى پېرىۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جانلىنىۋاتقان چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش، چەتئەللەردە ئوقۇش، چەتئەللەردىن مال سېتىۋېلىش، شۇنىڭدەك ئېلىمىز بانكىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدا كارتا سۈرۈپ ئىستىمال قىلىش مۇلازىمىتىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاھالىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا ئىستىمال قىلىشى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى. كەلگۈسىدە، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ چەتئەللەردە كارتا سۈرۈپ ئىستىمال قىلىش چىقىمى بىر قەدەر تېز كۆپىيىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر