باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

پۈتۈن مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى 100 مۇنەۋۋەر كىتاب كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2016.04.05 13:46   مەنبە: خەلق تورى

پۈتۈن مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى 100 مۇنەۋۋەر كىتاب كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇمىجىت ئابدۇللا خەۋىرى) -2016يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى، مىللەتلەر نەشرىياتى، ج ك پ بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسى، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى كۆرگەزمىخانىسى، جۇڭگو نەشرىياتچىلىق جەمئىيىتى مىللەتلەر نەشرىياتچىلىق خىزمىتى كومىتېتى، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق كۇتۇپخانا باشقۇرۇش جەمئىيىتى، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق بىرىنچى كۇتۇپخانا بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش تېمىسىدىكى پۈتۈن مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى 100 مۇنەۋۋەر كىتاب كۆرگەزمىسى» مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى

  مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ روپۇ، جۇڭگو نەشرىياتچىلىق جەمئىيىتى مىللەتلەر نەشرىياتچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى يۇمىڭ، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇڭ شىڭكۇي، ج ك پ بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلى شۆمېي، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ باشلىقى ما جىمىن، جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ گۇيبياۋ، جۇڭگو نەشرىياتچىلىق جەمئىيىتى مىللەتلەر نەشرىياتچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى باقىت، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق كۇتۇپخانا باشقۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گو بىن، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق بىرىنچى كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى يەن جېڭ قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. يىغىنغا جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ گۇيبياۋ رىياسەتچىلىك قىلدى. مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇڭ شىڭكۇي ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  دۆلىتىمىز 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك مەملىكەت. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى مۇنەۋۋەر كىتابلارنىڭ يېتەكچىلىك ۋە ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللىي نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2011 - يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىكتە «پۈتۈن مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى 100 مۇنەۋۋەر كىتاب» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى. تاللانغان كىتابلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە خىزمەت قىلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ خەنزۇچە، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە، قىرغىزچە، يىزۇچە، جۇاڭزۇچە قاتارلىق تىللاردىكى كىتابلار كۆرگەزمىگە قويۇلدى.

  كۆرگەزمە 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئون كۈن داۋاملىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىل شىنجاڭدىكى 10 ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·تۈركىيە ئالاھىدە ساقچى ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچراپ يەتتە ساقچى قازا قىلدى، 23 ئادەم يارىلاندى 
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2016-يىلى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوب…
      ·تۈركىيە ئىككى يىل ئىچىدە قاتاردا ھەربىي بازار قۇرۇشنى پىلانلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوش ئوقۇش تەۋەلىكىنى يال…
      ·بېيجىڭدا 2017-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى باشلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا بىردەك قوبۇل قىلماسلىقنى …
      ·«ھەمكارلىق پىلانى»دىكى 14 سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·گۇاڭشىدا 2019-يىلدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى …