باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەندىكى ھەر مىللەت ئامما چوكانتال بايرىمىدا ۋاڭ ۋېينىڭ قەبرىسىنى سۈپۈردى (1)

2016.04.05 14:13   مەنبە: خەلق تورى

خوتەندىكى ھەر مىللەت ئامما چوكانتال بايرىمىدا ۋاڭ ۋېينىڭ قەبرىسىنى سۈپۈردى (1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خوتەندىكى ھەر مىللەت ئامما قاراقاش ناھىيەسى باغداد كەنتىدىكى قاراقاش ئۆستىڭىگە كېلىپ، دەريا بويىغا كۆمۈلگەن شىنجاڭنىڭ داڭلىق سۇچىلىق مۇتەخەسسىسى ۋاڭ ۋېينىڭ قەبرىسىگە كېلىپ تەزىيە بىلدۈردى.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، ۋاڭ ۋېي 1951-يىلى غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تەقسىماتقا بويسۇنۇپ شىنجاڭغا كېلىپ، سۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1958-يىلى خوتەنگە يۆتكىلىپ، شۇنىڭدىن كېيىن خوتەننىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خوتەن خەلقىگە بەخت ياراتقان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى پەيتىدىمۇ، ئۇلۇغئاتا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى ئۇنتۇمىغان. 1991-يىلى 27-ئاپرېل، ۋاڭ ۋېي ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان. ئۇ خوتەندە خىزمەت قىلغان 30 نەچچە يىل ئىچىدە، باشلامچىلىق بىلەن 58 يېرىم سۇ ئامبىرى، 24 مەڭگۈلۈك ئۆستەڭ، 20 نەچچە مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان سۇ يوللىرىنى ياساپ، خوتەندىكى كۆپ ساندىكى ئېتىزلارنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئېتىزغا ئايلاندۇرۇپ، خوتەن خەلقى ئۈچۈن بەخت ياراتقان.

  سۈرەتتە: قاراقاش ئۆستەڭ بېشى ئەتراپى كەنتىدىكى ئۇيغۇر بوۋاي ۋاڭ ۋېينىڭ قەبرىسى ئالدىغان كېلىپ، بىر دەستە ئاق جۇخار گۈلى تەقدىم قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
      ·جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم–پەن تەتقىقات مەركىزى قۇردى
      ·ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ 3-قېتىملىق «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى يولغا قويۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىراكتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئوخشاش ئورۇندىكىلەرنىڭ سىناق مەز…
      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…