باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى: سۈرىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش كېرەك

2016.04.01 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى ۋە شېۋىتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى، باش ئەلچى فۇ سۇڭ 30-مارت مۇنداق دېدى: سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ، ئۇلارنى قوللىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۈرىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئايرىم مۇئامىلە قىلماسلىقىمىز، نەزىرىمىزنى يۈزەكى تۈزەش ۋە قۇتقۇزۇش بىلەنلا چەكلەپ قويماسلىقىمىز كېرەك. فۇ سۇڭ شۇ كۈنى سۈرىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىكلەرنىڭ يىغىنىدا مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ ئالاقىدار دۆلەتلەر سۈرىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى پەيدا بولۇشنىڭ مەنبىئىىنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، سۈرىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، مۇساپىرلارنىڭ بالدۇرراق يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك، مانا بۇ سۈرىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر