باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ دانىيە باش ۋەزىرى راسمۇسېن بىلەن كۆرۈشتى

2016.04.01 12:58   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ دانىيە باش ۋەزىرى راسمۇسېن بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 31-مارت ۋاشىنگتوندا دانىيە باش ۋەزىرى راسمۇسېن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-دانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىككى دۆلەت نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرى مۇجەسسەملەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن دانىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-دانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇر راۋاجلىنىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ماس كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو-دانىيە مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئىلغار لايىھەنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىدىكى ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز؛ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، بۇلغىمىسىز تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلىنىش، دورا-يېمەكلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ كۆپ بايراقدار ھەمكارلىق تۈرلىرىنى بەرپا قىلىشىمىز؛ ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئۆزئارا ئۆرنەك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خادىملار بېرىش-كېلىشىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، ياشلار ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، 2016-يىلىنى جۇڭگو-دانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالغا ئىلگىرىلەش يىلى»گە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو-دانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى يەنىمۇ بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ئاساسىدا مۇئامىلە قىلدى ۋە راۋاجلاندۇردى، دانىيەنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا «تۆت چوڭ ھەمراھ» مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كارخانىلاردا يېڭىلىق يارىتىش، بۇلغىمىسىز تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو-شىمالىي ياۋروپا مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى بىر-بىرىگە تۈرتكە بولىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشنى خالايدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوش ئوقۇش تەۋەلىكىنى يال…
      ·بېيجىڭدا 2017-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى باشلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا بىردەك قوبۇل قىلماسلىقنى …
      ·«ھەمكارلىق پىلانى»دىكى 14 سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·گۇاڭشىدا 2019-يىلدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى …
      ·2016-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى 
      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…