خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق چاقىلىق ناھىيەسى «كىرورەن لوڭقىسى » قۇملۇق ئاپتوموبىل دالا مۇسابىقىسى 3- ئاپرېلدىن 4- ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق راللى مۇسابىقىسى ھەۋەسكارى جەم بولۇپ، ماھارەت مۇسابىقىسىدىن ئورتاق بەھىرلەندى، بۇ چاقىلىق ناھىيىسىدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەرىكىتى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
يولغا چىقىش مۇراسىم مەيدانىدا، مۇسابىقە قاتناشقان 50 دالا ئاپتوموبىلى ئۇزۇن سەپ تۈزدى، رېپىر بۇيرۇق بېرىشى بىلەنلا، ئاپتوموبىل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇسابىقە يولىغا كىرىپ مۇسابىقىنى باشلىدى. قۇم - بوران كۆتۈرۈلۈپ، موتور گۈلدۈرلەپ كەتتى. مۇسابىقە مەيدانىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئاپتوموبىللار يۈگەنسىز جەڭ ئېتىغا ئوخشاش، گاھى دۆڭگە ياماشسا، گاھى ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، جىددىي ئايلانمىلاردىن ئۆتۈپ، ئۆزماھارىتىنى كۆرسەتتى. خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى كۆرگەن تاماشىبىنلار پات - پات گۈلدىراس ئالقىش ياڭراتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى