باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاش ۋە كارتا ئالماشتۇرۇشتا ئىلتىماس قىلىپلا دەرھال بېجىرگىلى بولىدۇ

2016.04.05 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلگىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولغاچقا، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار داۋالىنىشتا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى. بۇندىن كېيىن، بۇنداق ئەھۋال ياخشىلىنىدۇ. ھازىردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 184 بانكا تور سۇپىسىدا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاش ۋە كارتا ئالماشتۇرۇشتا ئىلتىماس قىلىپلا دەرھال بېجىرىش ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى.

  ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىغا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولامدۇ؟ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جېنجياڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاش ۋە كارتا ئالماشتۇرۇشتا 40 كۈندىن 60 كۈنگىچە ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئىلتىماس قىلىپلا دەرھال بېجىرگىلى بولىدۇ، يېڭى كارتا بېجىرىشنى تىزلىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز.»

  30- مارت، 12333 «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش مەسلىھەت بىرىش كۈنى» بولۇپ، بۇ يىل «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى» باش تېما قىلىنغان. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىش تارمىقى ۋە ھەمكارلىق بانكىلىرى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى (خۇاڭخې يولىدىكى تارمىقى) دا سەھنە ھازىرلاپ، نەق مەيداندا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ كارتا بېجىرىش، كارتا ئىشلىتىش جەھەتتىكى مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2012 - يىلى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ھەر يىلى 30 - مارتنى «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش مەسلىھەت بىرىش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ھەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بۇ پائالىيەتنى ئورتاق قانات يايدۇرغان. 30 - مارت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى سەككىز مەسلىھەت بېرىش ئورنى تەسىس قىلىپ، نەق مەيدان مۇلازىمىتى ئېلىپ بارغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر