باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقا چوڭ كۆل رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تۈرتكە بولۇش مۇراجىئەت قىلىندى

2016.04.01 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن رەئىس باياناتى ئېلان قىلىپ، ئافرىقا چوڭ كۆل رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار رامكا ھۆججەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىپ، بىخەتەرلىك، سىياسىي مۇساپە، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تۈرتكە بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياناتتا كونگو كىنشاسانىڭ شەرقىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلىق قوراللىق تەشكىلاتلار قورالسىزلىنىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى؛ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن بالا ئەسكەر قوبۇل قىلىشنى توختىتىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ كەڭ قۇرساقلىق بىلەن سۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  چوڭ كۆل رايونى ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا شەرقىدە، بۇ رايون دۇنيادىكى نوپۇس ئەڭ زىچ رايونلارنىڭ بىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافرىقىدىكى تەبئىي بايلىقى ئەڭ مول رايون. يىلمۇيىل ئۇرۇش بولغانلىقتىن چوڭ كۆل رايونى دۇنيادىكى توقۇنۇش، ئاچارچىلىق، ۋابا يامرىغان، مۇساپىرلار مەركەزلەشكەن رايون بولۇپ، «ئافرىقىدىكى پۇرۇخ بوچكىسى» دەپ ئاتالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر