- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ يېڭى رەئىسى خوڭ شيۇجۇ ۋەزىپىگە ئولتۇردى
2016.03.31 16:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو گومىنداڭى تۈنۈگۈن تەيبېي مەركىزىي پىرقىسىدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، خوڭ شيۇجۇ رەسمىي گومىنداڭنىڭ رەئىسى بولدى.
خوڭ شيۇجۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن گومىنداڭنىڭ ھازىرقى قىيىن ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىمەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى ھەتتا ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات تەدبىرى چوڭقۇر پاتقاققا پېتىپ قېلىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، رىقابەتچى پارتىيەگە تاقابىل تۇرۇش قىيىنغا چۈشۈپ، ئاخىرىدا پارتىيە ئارقىغا چېكىنىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى، كۆپچىلىكنىڭ يېقىندىن ئىتتىپاقلىشىپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قەد كۆتۈرگۈزۈپ، خالىسانە ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق يىپيېڭى كەيپىيات يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خوڭ شيۇجۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىق لۇشيەنىدە، دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق، پاكلىق ۋە ئادىل تەقسىماتچىللىق قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرىمەن، گومىنداڭ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، كۈچلۈك نازارەت قىلىش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىنى ياخشى ئوينايدۇ.
خوڭ شيۇجۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2017-يىلى گومىنداڭنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندا توشىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر