باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1992-يىلدىكى ئورتاق تونۇش ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا پايدىلىق

2016.03.31 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئەن فېڭشەن تۈنۈگۈن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سوئالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: 1992-يىلدىكى ئورتاق تونۇش __ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنىڭ سىياسىي ئاساسى، 92-يىلدىكى ئورتاق تونۇشتىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر جۇڭگوغا تەۋە دەيدىغان يادرولۇق ئۇقۇمدا ئورتاق تونۇشقا كەلگەندىلا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ئاندىن تىنچ مۇقىم تەرەققىي قىلىدۇ، ئەگەر بۇ سىياسىي ئاساس زىيانغا ئۇچرايدىغان بولسا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى نەتىجىلەرمۇ يوققا چىقىدۇ.

  ئەن فېڭشەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:2014-يىلى گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى 92-يىلدىكى ئورتاق تونۇشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ سىياسىي ئاساسىدا ئىككى تارماق مەسئۇلى كۆرۈشۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىدى، نۆۋەتتە 92-يىلدىكى ئورتاق تونۇش ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان بۇ مېخانىزم يەنىلا ئۈنۈملۈك يۈرۈشمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر