- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يۈ جېڭشېڭ جىلىندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
2016.03.31 16:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېقىندا جىلىن ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، تەڭكەش، يېشىل، ئېچىۋېتىشچان، ھەمبەھىرلىنىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تۈپ ئىقتىساد تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يۈكسەلدۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېرىشىپ ياخشى باشلاش كېرەك.
يۈ جېڭشېڭ 28-مارتتىن 30-مارتقىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، چاڭچۈن شەھىرىگە بېرىپ، كارخانا سېخلىرى، ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرى، مىللىيچە كەنت-بازارلار، مەكتەپ، دوختۇرخانىلارغا كىردى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى بىلەن 13-بەش يىللىق تەرەققىياتنىڭ ياخشى تەدبىرلىرىنى بىرلىكتە كېڭەشتى. يۈ جېڭشېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە يەنە جىلىن ئۆلكىسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرىنىڭ كادىرلىرىنى يوقلىدى.
يۈ جېڭشېڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يەنجى شەھىرى بېيشەن كوچىسى داۋدەنشەن مەھەللىسىدە، مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئەلنەپ مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ يەنجى شەھەرلىك مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە مەكتەپنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ خېلوڭ شەھىرى تۇداۋ بازارلىق مەركىزىي شىپاخانىدا، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش، ساقلىق ساقلاش كاپالىتى ئەھۋالىنى ئىنچىكە سۈرۈشتۈردى. ئۇ جىندالەي كەنتىدە چاۋشيەنزۇ ئاممىسىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ، تۇرمۇش پاراڭلىرىنى سېلىشىپ، ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك ئەھۋالىنى سورىدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق تومۇرى، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى-مىللەتلەرنى ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش. يەنبيەننىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ كەلدى، ئۇدا بەش قېتىم «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ» بولۇپ باھالاندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يۈكسەلدۈرۈش، بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزۇن مۇددەت قانات يايدۇرۇپ، ئادەتتىكى چاغلارغا ئەھمىيەت بېرىش، سىردىشىش، ھەرىكەت، ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا يېقىن، قېرىنداشلاردەك ئۆتۈشى، ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، تۈپ ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر