باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چېخىيە زۇڭتۇڭى زېمان ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى

2016.03.31 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بىيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چېخىيە زۇڭتۇڭى زېمان 29-مارت كەچتە زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە كاتتا قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە كەلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو ۋە چېخىيەدىن زىياپەتكە قاتناشقان مېھمانلار بىلەن قول ئېلىشپ كۆرۈشتى ۋە سەمىمىي پاراڭلاشتى.

  زىياپەت باشلانغاندا، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە چېخىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. ئارقىدىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تەبرىك سۆزى قىلىشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: چېخىيە ياۋروپادىكى مۇھىم دۆلەت، ئۇ ئۇزاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە. جۇڭگو-چېخىيە دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. چېخىيە يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ھەم يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى نۇرغۇن ياردەم ۋە قوللاش بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو خەلقى بۇنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 67 يىلدىن بۇيان، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-چېخىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندى. ھازىر، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى كۈندىن-كۈنگە قويۇقلىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات بىرىكىش نۇقتىسى ۋە ئورتاق مەنپەئەتى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە، ھەمكارلىق سالىمىقى ۋە دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا. جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىراتىگيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى پۇرسەت، دەپ بىلىپ، چېخىيە بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-چېخىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر