باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئىككى يىل ئىچىدە قاتاردا ھەربىي بازار قۇرۇشنى پىلانلىدى

2016.04.01 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز 30-مارت قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا، تۈركىيەنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە قاتاردىكى ھەربىي بازا قۇرۇلۇشىنى تۈگىتىپ بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. دوھا 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا دېڭىز مۇداپىئە كۆرگەزمىسىگە قاتناشقىلى بارغان يىلماز مۇنداق دېدى: تۈركىيە پارلامېنتى تۈركىيە بىلەن قاتار ئىمزالىغان ھەربىي مۇداپىئە كېلىشىمىنى تەستىقلىدى. قاتارغا سېلىنىدىغان ھاۋا ئارمىيە بازىسى-تۈركىيەنىڭ بۇ رايوندا قۇرىدىغان تۇنجى چەتئەل ھەربىي بازىسى. يىلماز تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى ھەربىي بازا قۇرۇشنىڭ كونكرېت تېخنىكا تەپسىلاتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ، يېقىنقى مەزگىلدە بىردەكلىككە كېلىشىمىز مۇمكىن. ئۇ تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى ئۆز ئارا بولىدۇ، تۈركىيە تەۋەسىدىمۇ قاتار ھەربىيلىرى ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى مەۋجۇت بولىدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر