باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ پۇل-مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2016.03.31 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ 29-مارت بېيجىڭدا پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى زور تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتقۇزۇش ئاساسىي فاڭجېنىنى چۆرىدەپ، يېزىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى پۇل مۇئامىلە مەدىتى سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشنى پۇختا تېرەك بىلەن تەمىنلەش لازىم.

  ۋاڭ ياڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي ئۈنۈمنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە مۇھىم نۇقتىنى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تارقىتىپ نامرات نوپۇسنى يۆلەشكە قارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا توغرا باغلاپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ توغرىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي ئۈستۈنلۈك ۋە تۈزۈم ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە باج سىياسىتىنىڭ پىشاڭلىق رولى ۋە خېيىم خەتەرنى تۈگىتىش ئىقتىدارى، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى خېيىم خەتەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر