باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چېخىيە زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن بىرلىكتە ستراخوۋ كۈتۈپخانىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى ھەم بىر-بىرى بىلەن خوشلاشتى

2016.03.31 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بىيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 30-مارت پراگادا چېخىيە زۇڭتۇڭى زېماننىڭ ھەمراھلىقىدا ستراخوۋ كۈتۈپخانىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

  شى جىنپىڭ كۈتۈپخانىغا كەلگەندە، زېمان كۈتۈپخانا دەرۋازىسىدا ئۇنى كۈتۈۋالدى ھەم ئېكىسكۇرسىيەدە بىللە بولدى. كۈتۈپخانا باشلىقى كۈتۈپخانىدا ساقلانغان جۇڭگو-چېخىيە ئالاقىسى توغرىسىدىكى كىتابلارنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بالكونغا چىقىپ، پراگا مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سەنئەت ۋە مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بۇنچە مول مەزمۇنلۇق قىممەتلىك بويۇملارنى كۆرۈشكە سازاۋەر بولۇش ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمايدۇ. توپلانغان ئۇزاق تارىخ ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت چېخىيە خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت ۋە تارىخقا ئىگە قەدىمىي دۆلەت. بۇ ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك بولۇش ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىدە ناھايىتى چوڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە. جۇڭگو بىلەن چېخىيە ئىجتىمائىي ئالاقىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى راۋاجلاندۇرۇشقا پۇختا ئەلرايى ئاساسىي سېلىشى كېرەك.

  ئېكىسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن زېمان سەمىمىي خوشلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم چېخىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، چېخىيە ۋە چېخىيە خەلقىنىڭ دوستانىلىقىنى ھېس قىلدىم. زىيارەت مەزگىلىدە، زۇڭتۇڭ زېمان بىلەن كۆپ قېتىم چوڭقۇر ۋە دوستانە پاراڭلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا ياخشى ئاساس سالدۇق. جۇڭگو چېخىيە بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق ئۇچرىشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەپتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-چېخىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر