باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو-چېخىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى يۇملاق ئۈستەل يىغىنىغا چېخىيە زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن بىرلىكتە قاتناشتى

2016.03.31 15:11   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ جۇڭگو-چېخىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى يۇملاق ئۈستەل يىغىنىغا چېخىيە زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن بىرلىكتە قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بىيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 30-مارت چېخىيە زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-چېخىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى يۇملاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ «دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئىچىپ، جۇڭگو-چېخىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچايلى» دېگەن تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى، جۇڭگو بىلەن چېخىيەنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىدا نۇرغۇن مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنىڭ بارلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ماسلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-چېخىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن چېخىيەنىڭ تارىخى ئاساسىي ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، كۆپ يىللىق چوڭقۇر ئالاقە قەلبىمىزنى بارغانسېرى يېقىنلاشتۇردى. ھەر ئىككى دۆلەت خەلقى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپكە ئېرىشىشكە ئىنتىلىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى. يەرشارى سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز تۆۋەنلەۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو-چېخىيە ئىككى تەرەپ سودىسى ئاكتىپ ئېشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر-بىرىگە مەبلەغ سېلىشى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ياسىمىچىلىق، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەنى قاپلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق قەدىمى بارغانسىرى چوڭايماقتا،ماڭغانسىرى پۇختىلانماقتا، بۇ ئىككى دۆلەت كارخانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يەنىمۇ ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە كەڭرى بوشلۇق يارىتىپ بەردى. بۇ يەردە ئولتۇرغان كارخانىچىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاكتىپ رول ئويناپ، جۇڭگو-چېخىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭدا 2017-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى باشلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا بىردەك قوبۇل قىلماسلىقنى …
      ·«ھەمكارلىق پىلانى»دىكى 14 سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·گۇاڭشىدا 2019-يىلدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى …
      ·2016-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى 
      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ