باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار توردا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ

2016.03.22 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- مارت، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك مائارىپ-ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى توردا تىزىملىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىپ، سانلىق مەلۇمات ئېلىنىپ، ھەر قايسى تىزىملاتقان مەكتەپ ئۆز مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا كوللېكتىپ توردا تىزىملىتىشنى تاماملايدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش سىستېمىسى http://kszx.wlmqedu.gov.cn / گە چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ-ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ماس كېلىدىغان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن. تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇشتىكى ئالاقىدار ئىشلارنى مەكتەپ مەمۇرىيەت باشقارمىسىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر