باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ

2016.03.09 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016 - يىللىق شىنجاڭدىكى 16 ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تىزىملاش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش 7- مارتتىن 25- مارتقىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 9- ئاپرېلدىن 10- ئاپرېلغىچە ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن. ئومۇمەن2016 ـ يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولىدىغان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقوغۇچىلارنى ئاۋۋال قوبۇل قىلدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالىي مەكتەپلەردىن جەمئىي 16 سى بار بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى، قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، سانجى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، ئىلى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ ئەمەلىي كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ۋە شىنجاڭ شىخەنزە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئەگەر ئارزۇسىغا شىنجاڭ ئورۇنلاشتۇرغان ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنى تولدۇرماقچى بولسا، بىۋاستە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تور بېكىتگە كىرىپ، تېخنىكوملار ۋە كەسپلەرگە ئالاقىدار تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى كۆرسە بولىدۇ

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر