باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىقلار بويىچە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىدۇ

2016.03.10 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىىنستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لىن خۇيچىڭ 9-مارت ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، تورداشلار بىلەن توردا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان ئىستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگىلىك تىكلىشى توغرىسىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى رەسمىي ئېلان قىلىپ، ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختياپ ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىقلار بويىچە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.

  لىن خۇيچىڭ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2015-يىلى چۈشۈرگەن «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» دە، ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاش يىل چېكىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇش جەريانىنى تەڭشەش، ئوقۇش تەۋەلىكىنى ساقلاپ، ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئىجازەت قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىر قىسمەن جايلار ۋە ئالىي مەكتەپلەر بۇ بەلگىلىمىنى ئىنچىكىلەشتۈردى، مەسىلەن: قىسمەن ئۆلكىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى سەككىز يىلغىچە ساقلاپ ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. بۇ يىل، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» رەسمىي ئېلان قىلىپ، ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئېنىق بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش دەرسلىكىنى كىمنىڭ ئۆتۈشى» توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، لىن خۇيچىڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە قاتناشقان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى بۇ دەرسنى ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىش كېرەك. «مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ داڭلىق ئالىملار، ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار، كارخانىچىلار، خەۋپ-خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ مەبلەغ سالغۇچىلار قاتارلىقلارنى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش دەرسىنى ئۆتۈشكە تاللاپ تەكلىپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ». مائارىپ مىىنستىرلىقى ۋە يەرلىك مائارىپ تارماقلىرى تور مۇنبىرى بەرپا قىلىپ، يىل ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە 10 مىڭ كىشىلىك يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار، ئىختىساسلىقلار ئامبىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر