باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھاسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېڭەيتىلىدۇ

تۈنجى تۈركۈمدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھاسىنى تۆۋەنلىتىش بوشلۇقى 5 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2016.03.30 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 29-مارت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھاسى ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى باھا مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: تۈنجى تۈركۈمدىكى ئىسلاھاتقا قاتناشقان بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھاسىنى تۆۋەنلىتىش بوشلۇقى 5 مىليارد 560 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  شېنجىن شەھىرى 2014-يىلىدىن باشلاپ «مۇز يېرىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلغاندىن بۇيان، توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھاسى ئىسلاھاتى ئېلىمىزدە مۇقىم قانات يايدۇرۇلدى. يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى خۇبېي، نىڭشيا، ئەنخۈي، يۈننەن، گۈيجۇ قاتارلىق بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورىنىڭ تۈنجى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەزگىلى (2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە)دىكى توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەشتىكى ئىجازەت قىلىنغان كىرىمى ۋە توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھاسىنى تەستىقلاپ، ئېلىمىزنىڭ تۈنجى تۈركۈمدىكى توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھاسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش نەتىجىسىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئېلېكتىر تورىدا ئىجازەت بېرىلگەن تەننەرخنى ئاساس قىلغان مۇستەقىل توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھاسى مىخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدىكەن. بېيجىڭ، تيەنجىن، جەنۇبىي خېبېي، شىمالىي خېبېي، سەنشى، شەنشى، جياڭشى، خۇنەن، سىچۈەن، چۇڭچىڭ، گۇاڭدۇڭ، گۇڭشى قاتارلىق 12 ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورى ۋە شىمالىي جۇڭگو رايونىدىكى ئېلېكتىر تورلىرى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە يېڭىدىن كىرگۈزۈلىدىكەن. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر