باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغۇچى قولغا ئېلىندى

ئايروپىلاندىكى ھەممەيلەن قويۇپ بېرىلدى

2016.03.30 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالتە سائەت تىركىشىش ئارقىلىق، مىسىر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروبۇس A 320 يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بۇلىغۇچى شۇ جاي ۋاقتى 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن سىپرۇس ساقچىلىرىغا تەسلىم بولدى ھەم قولغا ئېلىندى، ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىخەتەر قويۇپ بېرىلدى. مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيە تارماقلىرىمۇ بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  يەنە بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، بۇ ئايروپىلان بۇلىغۇچىنىڭ سابىق ئايالى تۇتقۇن قىلىنغان يولۇچىلار ئايروپىلانى سىپرۇس راناكاخ ئايرودرومىغا قونغاندىن كېيىن ئايرودرومغا بېرىپ، ئايروپىلان بۇلىغۇچىنى تەسلىم بولۇشقا قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان، بۇ مەزگىلدە ئايروپلاندىكى كۆپ قىسىم يولۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن كېتىشكە رۇخسەت قىلىنغان.

  يەنە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئايروپىلان بۇلىغۇچىنىڭ ئىسمى سەيپىدىن مۇستافا بولۇپ، بۇ يىل 59 ياشتا ئىكەن. ئايروپىلان بۇلىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ سىپرۇستىكى سابىق ئايالىغا بىر پارچە خەتنى ئاپىرىپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇ يەنە مىسىر ھۆكۈمىتىدىن بارلىق ئايال مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سىياسىي پاناھلىق ئىزدىمەكچى ياكى باشقا دۆلەتلەرگە ئۇچۇشنى رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلماقچى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر