باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ۋە نورۇز بايرىمى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلدى

2016.03.22 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-مارت، 30 دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى ۋە ئالىم گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بېرلىنغا يىغىلىپ، جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2015 - يىللىق شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باشقا شىنجاڭلىق مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى« نورۇز بايرىمى»نى تەبرىكلىدى.

  جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى لى شياۋسى پائالىيەتتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر گېرمانىيەدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە 150 دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئاساسلىقى ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بار. 2011 - يىلىدىن بۇيان، گېرمانىيەدىكى 60 دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2015 - يىلى 17 ئوقۇغۇچى بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، تارىختا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر