باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

4 - نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى پات ئارىدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2016.03.31 15:03   مەنبە: خەلق تورى

4 - نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى پات ئارىدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-مارت، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى كۆرگەزمە مەركىزىدە، ساقچىلار يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات ۋاستىلىرى مەركىزىنى چارلىماقتا.

  4 - نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى 31-مارتتىن 3-ئاپرېلغىچە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا « يادرو بىخەتەرلىكى خەلقئارا سىستېمىسىنى كۈچەيتىش» باش تېما قىلىنىپ، قانداق قىلىپ يادرو ماتېرىيالى ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، قانداق قىلىپ يادرو تېررورلۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە زەربە بېرىش كېرەك قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ھازىر خادىملار باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئامانلىق ساقلاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، يىغىن مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىكى كوچىلارنى ئاللىقاچان قاشالاپ ۋە توسۇپ بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭدا 2017-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى باشلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا بىردەك قوبۇل قىلماسلىقنى …
      ·«ھەمكارلىق پىلانى»دىكى 14 سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·گۇاڭشىدا 2019-يىلدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى …
      ·2016-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى 
      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ