خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېنگال دۆلىتىدىكى ئابۇل باجاندار ئىسىملىك بىر ئەر ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ قولى ۋە پۇتى خۇددىي دەرەخكە ئوخشاش كۆكلەپ كېتىپ، خۇددىي «دەرەخ ئادەم»گە ئوخشاپ قالغان.
ئابۇل باجاندار بېنگال دۆلىتىنىڭ كۇرنادىن بولۇپ، «سۆگەلسىمان تېرە ناچار يېتىلىش كېسىلى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغىلى 7 يىل بولغان.
ئۇنىڭ پۇتىدىمۇ بۇ خىل سۆگەل ئۆسۈۋاتقان بولۇپ، ئەھۋالى قولىنىڭكىدىن سەل يىنىك ئىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى