باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دەمەشقنىڭ جەنۇبىدىكى زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 45 كىشى قازا قىلدى

2016.02.01 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە پايتەختى دەمەشقنىڭ شىمالىدا 31-يانۋار زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 45 كىشى قازا قىلىپ، 110 كىشى يارىلاندى.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر سۇرىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇر خادىمى شۇ كۈنى مۇخبىرغا، دەمەشقنىڭ جەنۇبىدىكى سەيدا-زەينەب بازىرىدا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. تېررورچىلار بىر ئاپتوبۇس يېنىدا ماشىنا بومبىنى پارتلاتقان، ئارقىدىن قۇتقۇزغۇچىلار يېتىپ كەلگەندە، يەنە باشقا ئىككى ئۆلۈۋېلىش خارەكتېرىدىكى ھۇجۇم قىلغۇچى تېنىگە باغلانغان بومبىنى پارتلاتقان.

  نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن، قازا قىلغانلار سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بۇ زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر