باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مائارىپ

ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك

( ماقالە) روزىھاجى نەزەر

2016.01.08 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەۋسۇملۇق ئىمتىھان يېقىنلىشىشى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى 4- سىنىپتا ئوقۇيدىغان بالىمىزغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈردۇق.

  ـ دادا، ماتېماتىكىنىڭ تەقلىدى سوئالىنى مۇئەللىم ماڭا بەرمىدى، ساۋاقدىشىمدىن ئېلىپ كەلدىم كۆپەيتىپ بەرسىڭىزكەن.

  بالام جىددىيلىشپ4بەتلىك سوئالنى قولۇمغا تۇتقۇزدى، سائەت 7لەردىن ئاشقان، كەچتە خەت كۆپەيتىدىغان دۇكاندار بارمۇ- يوق، ئىشەنچ قىلالمىغاچقا مۇئەللىمىدىن ياردەم سوراپ تېلېفون قىلدىم:

  ـ ياخشىمۇسىز مۇئەللىم؟ بالامغا تەقلىدى سوئالدىن بىرنى بەرسىڭىزكەن.

  ـ ياخشى، بالىڭىزغا زاپاس كۆپەيتىپ كىرگۈزۈپ بەرگەن، بالىلار بەرمەپتۇ-دە.

  مۇئەللىم تېخى توي قىلمىغان، قەلبى ئىللىق، روھى كۆتۈرەڭگۈ قىز بولغاچقا پىشقان ئوقۇتقۇچىلاردەك تەجرىبىسى مول ئەمەستەك قىلاتتى. مەن بىر نېمە دېگۈچە مۇئەللىمنىڭ يېقىملىق ئاۋازى يەنە كەلدى:

  ـ مەن بالىلارنىڭ ئىسمىنى تولۇق بىلمىگەچكە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپتىمەن، ئەتە باشقا سىنىپتىكى بالىلاردىن بىرنى ئېلىپ چىقىپ بېرەي.

  «بۇ قانداق گەپ ئەمدى، ئۆزى ئوقۇتۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئىسمىنى بىلمىسە، بالىلاردىن!...» تۇرۇپلا چىۋىن يەۋالغاندەك كۆڭلۈم يېرىم بولدى، تېلېفوننى رەھمەت بىلەن قويۇۋىتىپ بالامدىن سورىدىم:

  ـ مۇئەللىم دەرسكە كىرىپ يوقلىما قىلامدۇ؟

  ـ ياق.

  ـ كەلمىگەن بالىلارنى قانداق بىلىدۇ؟

  ـ سىنىپ باشلىقىدىن سوراپ يېزىۋالىدۇ.

  بالامنىڭ جاۋابىدىن تېخىمۇ ئەجەبلەندىم، بىز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپلا ئالدى بىلەن ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ يوقلىما قىلاتتى، دەرسنى ياخشى بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىنى دوسكىغا چىقىرىپ سىناق ئالغان ئاساستا ئالدىن ئۆتۈلگەن دەرسنى ئۆزلەشتۈرەتتى، دەرسنى بىلمىگەن، چۈشىنەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار »مېنى چىقىرىپ قالسا بىلمىسەم ساۋاقداشلىرىم زاڭلىق قىلىدۇ« دەپ ئەندىشە ئىچىدە مەكتەپكە كەلگۈچە، ئۆيىگە بارغۇچە، ئائىلىسىدە كىتابنى قولىدىن چۈشۈرمەي ئۆگىنىش قىلاتتى. مۇئەللىم يەنە بوش ئەمەس، دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنى بىر- بىرى بىلەن ئۆگىنىش مۇسابىقىسىگە سېلىپ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ مۇكاپاتلاش، توپا- چاڭ، بوران- چاپقۇن، ھۆل- يېغىن دېمەي ئائىلە سۆھبىتىگە بېرىپ قەلبداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش بىلەن ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە بىلىمنىڭ قىممىتىنى تونۇتاتتى، ھەممە ئىسىم سۈرەتتەك ئېنىق، نىشان ئېنىق، تەسەۋۋۇر رېئاللىقنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا تولۇق مەركەزلىشەتتى...

  ئۆتمۈشتە تېخى يوللار توپا، مەكتەپنى، ئۆينى تېپىۋالغۇچە كىيىم توپا، يۈز- كۆزگە قارىغىلى بولمايتتى، كىيىمگە ياماقمۇ سېلىناتتى، كىتابنى ئوقۇغۇچىلار نەق پۇلغا سېتىۋالاتتى، تېخى ئوقۇش پۇلىمۇ تۆلەيتتى، قىيىنچىلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى شىللىسىگە مىنىكلىك، جاپانىڭ تېگى راھەت قەلبلەرگە ئورنىشىپ ئوقۇ- ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلەتتى. مەھەللە، كەنت، يېزىدىن دېھقان بالىلىرى ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە تەسۋىرلىگۈسىز بايرام لەززىتى ۋۇجۇدلارنى چىرماپ، «دېھقان بالىسى كادىر بولالماپتۇ، جىگدە ياغىچى بادرا بولالماپتۇ» دېگەن ئەنئەنىۋىي قاراش يوققا چىقىرىلاتتى... ھازىر ئوقۇغۇچىلار ياغ ئىچىدىكى بۆرەككە ئوخشايدۇ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرىۋەتتى، كىتابلارنى ھەقسىز تارقاتتى، مەكتەپتە ئىسسىق تاماق يەيدىغان، سۈت ۋە تۇخۇم كۈندە بولىدىغان شارائىت ياراتتى، سىنىپلار ئازادە، پارتىلار يېڭى، رەتلىك، ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇتۇش چىراي ئاچقان يېڭى مۇھىت بارلىققا كەلدى. ئوقۇتقۇچىلارغا زامانغا ماس ئىقتىدار، يۇقىرى مائاش، غەمسىز ئۆزىنى بېغىشلاش پۇرسىتى ۋىسال ئاچتى، يول داغدام، كىرا ماشىنىلىرى ئۆچرەتتە مەدەتكار بولۇش، ئوقۇتسا، ئوقۇسا ئادەم ھۇزۇر ھېس قىلىدىغان، زامان چولپانلىرىدىن بولۇش ئىرادىنىڭ تۇلپىرىنى توختاۋسىز چاپتۇرىدىغان، بىلىملىك ياشايدىغان، بىلىمسىز شاللىنىدىغان ھالەت شەكىللەندى، بۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان ھەقىقەت بولدى، شۇنداققۇ؟!

  ھۆكۈمەت، خەلق ئىشەنگەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە يېرىم يىل تۇرۇپمۇ 38نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىنى تولۇق بىلەلمەسلىكىنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟

  مېنىڭچە، ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىپ ئىللىق سالام ئىلىكىدە ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىما قىلسا، ئىسمىنى ئاتاپ سىناق ئالسا، تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېنىدا تۇرۇپ مەدەتكار بولسا، بوش ۋاقىتتا ياخشى سىرداشسا ئاندىن ئوقۇتۇش ئۈنۈمى كۆتۈرىلىدۇ.

  ئوقۇتقۇچى دەۋىرنىڭ تەقەززاسى، يېڭىلىقنىڭ ئېجراچىسى، مۇھەببەتنىڭ يىلتىز تارتقۇزغۇچىسى بولغان ئىكەنسىز مەسئۇلىيەتچانلىق ھەر دائىم ئېسىڭزدە بولسۇن.

  2016- يىل 7- يانۋار

  ئادرېس: بىڭتۈەن 3- شى پەيزىۋات باش مەيدان 8- ليەن.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر