باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنڭ سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتى باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى

2016.01.08 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ) ئۇچتۇرپان ناھىيەسى «سانائەتتە كۈچلۈك ناھىيە» بولۇش ئىسىتىراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، سانائەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمىتى ئەلا، تەستىق باسقۇچى ئاز بولۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، 2508.8 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدە مەمۇرىي تەستىق مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، 293 خىل مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرگۈزۈپ، «رەسمىيەتلەرنى بىرلا جايدا بېجىرىش مۇلازىمەت سەھنىسى» بەرپا قىلدى. تۇر،رادىيو- تېلېۋىزور قاتارلىق تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇچتۇرپاننىڭ يەر ئاستى بايلىقى،قېزىلما بايلىقى، ساياھەت بايلىقى ۋە ئېچىش، مەبلەغ سېلىش شارائىتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر جەمئىيەت كاپىتالى، بولۇپمۇ، پۇقراۋى كارخانا كاپىتالىنىڭ ئۇچتۇرپانغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. نۆۋەتتە، بىر مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان تەڭرىتاغ نۇرى كۆكتات لاپىسى تېرىقچىلىق تۈرىدە توختام ئىمزالىنىپ، قۇرۇلۇش باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتە پۈتۈن يىللىق ئىمزالانغان تۈر بەشكە، نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 973 مىليونغا يېتىپ، يىللىق نىشان %108 ئورۇنلانغان.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر