خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى __ تەپتىش مىنىستىرلىكى تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئالدىنقى كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سابىق پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ لېبىننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.
تەكشۈرۈلىشىچە، جاڭ لېبىن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرگە، تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، گۇرۇھۋازلىق قىلغان؛ پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپە قولايلىقى ۋە تەسىرىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ھەمدە پۇل - مال قۇبۇل قىلىپ، ھۆرمەت پۇلى قۇبۇل قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ۋەزىپە قولايلىقى ۋە تەسىرىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ھەمدە پۇل - مال قۇبۇل قىلىش مەسىلىسى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلىدۇ.
جاڭ لېبىن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر تۇرۇقلۇق، غايە- ئېتىقادى يوقىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ھەمدە پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ھوشىنى تاپماي، نەپسىنى يىغمىغان بولۇپ، خارەكتېرى يامان، ئەھۋالى ئېغىر بولغان. «ج ك پ ئىنتىزام جازا نىزامى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، جاڭ لېبىنغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ تەپتىش مىنىستىرلىكىنىڭ سۇنۇشى ھەمدە گوۋويۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جاڭ لېبىنغا مەمۇرىي خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى؛ ئۇنىڭ ئىتىزامغا خىلاپ ئېرىشكەن پۇل -مېلى مۇسادىرە قىلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى، يىپ ئۇچى ۋە چېتىشلىق پۇل - ماللار ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى