باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سىنگېن دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكلىمە بىلەن چېگرا باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2016.01.08 09:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇساپىرلار، ئىچكى ئىشلار ۋە ئاممىۋى ئىشلارنى مەسئۇل ئەزاسى ئافىرامۇپۇروس 6-يانۋار، سىنگېن رايونىدا ئەركىن يۆتكىلىشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، سىنگېن دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكتە ۋاقىتلىق چېگرا باشقۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مۇساپىرلارنىڭ كېرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، شىمالىي ياۋروپادىكى شىۋېتسىيە، دانىيە يېقىندا چېگرانى باشقۇرۇش تەدبىرىنى قوللاندى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 6- يانۋار دانىيە، شىۋېتسىيە ۋە گېرمانىيە ئەمەلدارلىرىنى جىددىي چاقىرىتىپ مۇساپىرلار ۋە سىنگېن چېگرا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئافروموپوروس مۇنداق دېدى: مۇساپىرلارنىڭ كېرىشىنى كونترول قىلىشتا بىردىن بىر ئۇسۇل پۈتكۈل ياۋروپا ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزىشى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت سىرتقى چېگرانى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك.

  گېرمانىيە فېدېراتسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى شىرود مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ياۋروپادىكى مەسىلە شۇكى چېگرانى كونترول قىلىدىغان بىرەر ئۈنۈملۈك سىستېما كەمچىل.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر