باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لۈ شىۋېن خىزمەتتىن ھەيدەلدى ۋە پارتىيەدىن قوغلاندى

2016.01.06 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورى تۆنۈگۈن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى 18-نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ كاندىدات ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لۈ شىۋېننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. لۈ شىۋېنغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى ، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى؛ ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى، يىپ ئۇچى ۋە چېتىشلىق پۇل - ماللار ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلدى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا، لۈ شىۋېننىڭ سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئېيتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەمدە پۇل - مېلىنى قۇبۇل قىلغان، ھۆرمەن پۇلى ئالغان، ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە مەنپەئەت يەتكۈزگەن؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بازار ئىقتىسادىي پائالىيىتىگە ئارىلاشقان ۋە قول تىققان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىگە ئارىلاشقان ۋە قول تىققان؛ تۇرمۇشتا راھەت- پاراغەتكە، ھوزۇر- ھالاۋەتكە بېرىلگەن. ۋەزىپە قولايلىقى ۋە تەسىرىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ھەمدە پۇل - مال قۇبۇل قىلىش مەسىلىسى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر