باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى پادىچىلار ئورگان بىناسىنى قوراللىق ئىگىلەپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى

ھۆكۈمەت ئىشنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلدى

2016.01.06 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر فېدېراتسىيە ئورگان ئىش بىجىرىش بىناسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئىگىلىۋالغان نامايىشچىلار 3-يانۋار داۋاملىق دائىرىلەر بىلەن تىركىشىپ تۇردى. بۇ ئىشنى تېزراق تىنچ ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى باش بولۇپ، فېدېراتسىيە ۋە يەرلىكنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشتى.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار ئىگىلىۋالغان ئىمارەت ئەتراپىدا ساقچى ۋە ياكى باشقا قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار يوق بولۇپ، ھىچقانداق سۈركىلىش ياكى توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن، نەقمەيدان ئىنتايىن تىنچ ئىكەن.

  بىر توپ قوراللىق باقمىچىلىق مەيدان ئىگىلىرى 2-يانۋار ئورېگون شىتاتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چەت يېزىغا جايلاشقان مالۇل دۆلەتلىك ھايۋاناتلارنى قوغداش رايونى خىزمەت بىناسىنى ئىگىلىۋېلىپ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمېتىنىڭ شۇ جايدىكى بىر جۈپ ئاتا بالىغا قارىتىلغان قانۇنىي جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

  شۇ جايدىكى گېزىت «ئورېگونلۇقلار»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى نەچچە يۈز نامايىشچى ئورېگون شىتاتى بۇرنس بازىرىدا يىغىلىش قىلىپ، يېقىندا قانۇنى جازاغا تارتىلغان شۇ يەردىكى باقمىچىلىق مەيدانى خوجايىنى ۋايت خامموند ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ستېۋېن ئۈچۈن ئادىللىق تەلەپ قىلغان. يىغىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر توپ قوراللىق نامايىشچى بۇرنس بازىرىدىن 80كېلومېتىر يىراقلىقتىكى مالۇل دۆلەت ھايۋاناتلار قوغداش رايونىغا بېرىپ، بىر خىزمەت بىناسىنى ئىگىلىۋالغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت يېڭى يىللىق ئارام ۋاقتى بولغاچقا، بىنادا بىرمۇ ئادەم يوق ئىكەن. نۆۋەتتە زادى قانچىلىك نامايىشچىنىڭ بىنا ئىچىدە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس، فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 100ئادەم دېيىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر