باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2016-يىلى مەملىكەت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ چۇڭچىڭغا تەكشۈرۈشكە باردى

2016.01.05 14:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 4-يانۋار چۈشتىن كېيىن چۇڭچىڭ «گويۈەن» پورتىغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇ ترانسىپورت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى، تۆمۈر يول، تاشيول، سۇ يوللىرىدا ئۇلاپ توشۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، مەشغۇلاتتىكى كونتېينېر پاراخوتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ «يۈشىنئوۋ» خەلقئارا تۆمۈر يول لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىر قېتىمدىلا تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ تەكشۈرۈش، پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، پورت ئەسلىھەلىرىنىڭ تولۇقلىقى، دەسلەپكى كۆلىمىنى كۆرۈپ «بۇ يەرنىڭ ئىستىقبالى پارلاق» دېدى.

  شى جىنپىڭ چۇڭچىڭ شەھەرلىك «جىڭدۇڭفاڭ» فوتو ئېلېكتر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يۇمشاق ئېكران، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرسىتىش ئېكرانى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ، 8.5-ئەۋلاد سۇيۇق كرىستال تاختىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا جەريانى بىلەن تونۇشۇپ، لوپا ئەينەك بىلەن ئەينەككە يېقىن تۇتۇپ تاختا ئۈستىدىكى ئېلېكتر يوللىرىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىدە «يېڭىلىق يارىتىش» 1-ئورۇندا تۇرىدۇ، چوقۇم يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر