باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

2016.01.08 09:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 6-يانۋار تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، ھەمدە بۇ ئىش توغرىسىدا يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى قارارنى تۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى؛ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر جىددىي كېڭىشىپ، چاۋشيەننىڭ 6- يانۋار يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلدى. يادرو سىنىقى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2006-يىلدىكى 1718-،2009- يىلدىكى 1874-، 2013-يىلدىكى 2087- نومۇرلۇق قارارلىرىغا خىلاپ بولۇپ، يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك مېخانىزمىغا قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك، شۇڭا خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە قىلىنغان تەھدىت داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىلگىرى چاۋشيەن يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى قىلسا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەبىر قوللىنىمىز دېگەنلىكى ئەسكە ئالدى. بۇ قارار ھەمدە بۇ قېتىمقى يادرو سىنىقىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىپ ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى قارارنى تۈزىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر