باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ – خوتەن ئارىسىدا تۇنجى قاتنىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان خوتەن ئايرودرومىغا قوندى

2016.01.07 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- يانۋار كەچ سائەت بەشتىن ئىككى مىنۇت ئۆتكەندە، خوتەن ئايرودرومى ئاقسۇدىن خوتەنگە قاراپ ئۇچقان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ CZ6859 - قېتىملىق تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ بىلەن خوتەندىن ئاقسۇغا بېرىپ - كېلىشتە ھاۋا قاتنىشى يوق تارىخقا خاتىمە بېرىلدى، شۇنداقلا، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان، شىنجاڭ بويىچە ئىچكى جەھەتتە بىرلىشكەن قەرەللىك بېرىپ - كېلىدىغان تۇنجى ھاۋا لىنىيىسى ھىسابلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم يېڭى ئېچىلغان ھاۋا لىنىيىسىدە خوتەندىن ئاقسۇغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، جۈمە كۈنى ئۇچىدىغان بۇلۇپ، بېرىشتا CZ6859 - قېتىملىق ئايروپىلان بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت 2دە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، تەخمىنەن 3تىن 15مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇ ئايرودرومىغا قونىدۇ، 50مىنۇتتىن كېيىن داۋاملىق ئۇچۇپ، تەخمىنەن 5تىن 5مىنۇت ئۆتكەندە خوتەنگە يېتىپ بارىدۇ. قايتىشتا CZ6860 - قېتىملىق ئايروپىلان بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت 5تىن 55مىنۇت ئۆتكەندە خوتەندىن ئۇچۇپ، تەخمىنەن 6دىن 55مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇ ئايرودرومىغا قونىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تەخمىنەن كەچ سائەت 9دا ئۈرۈمچىگە بارىدۇ.

  خوتەن - ئاقسۇ ئايروپىلان بېلىتى 940يۈەن بۇلۇپ، ئۈرۈمچى - ئاقسۇ - خوتەن ھاۋا لىنىيىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، يېقىنقى بىر مەزگىلدە بېلەت باھاسىدا ئېتىبار قىلىنىدىغان بۇلۇپ، ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى ئاران 190يۈەن بولىدىكەن.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭىدىن ئاچقان ئىچكى جەھەتتە بىرلەشكەن ھاۋا لىنىيىسى شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋاتسىيە تورى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاقسۇ، خوتەن ئىككى جاي ئوتتۇرسىدىكى سودىگەر ۋە ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ تېز ۋە قولايلىق قاتناش بىلەن تەمىنلەپ بەردى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر