باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ سەنشىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىشتە يول ئېچىپ تەرەققىي قىلىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

2016.01.06 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4-يانۋاردىن 5-يانۋارغىچە سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ رۇلىن، ئۆلكە باشلىقى لى شياۋپېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا تەييۈەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.

  تەييۈەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ داتلاشماس پولات ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا. لى كېچياڭ بۇ يەرگە كېلىپ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئادەم ئىشلىتىش ۋە ئۈنۈم قاتارلىق ئەھۋاللىرى بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش ۋە ئېھتىياجنىڭ كېمىيىش تەسىرى بىلەن پولات-تۆمۈر كەسپىنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىنلەشتى، ھازىر، ئىشلەپچىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى جىددىي ۋەزىپە قىلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەپ ۋە ھەر خىل ئۇسۇللاردىن قوللىنىپ قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى توختىتىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە كۈچەش قارشىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى كەسىپلەرنى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال يېتىشتۈرۈش كېرەك. كارخانىلار قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي كەسىپنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بازار ئېھتىياجىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، تېخنىكا، سۈپەت، باشقۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ سەنشىنىڭ مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ياخشى خىزمەت ھالىتى بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تېزلىتىش جەريانىدا دەرىجىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر