باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلغانلىقىغا قاتتىق قارشى تۇردى

2016.01.07 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا جەمئىيەت 6-يانۋار چاۋشيەننىڭ يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى قىلغانلىقىغا قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چاۋشيەننىڭ يادروسىزلاندۇرۇش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى ۋە يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، يېرىم ئارال ۋە شەرقىي، شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغداشنى تەكىتلىدى.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 6-يانۋار چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى قىلدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇپ، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەرقىي، شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغداش جۇڭگونىڭ تەۋرەنمەس مەيدانى. چاۋشيەننىڭ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى توختىتىشقا كۈچلۈك ھەيدەكچىلىك قىلىمىز. يېرىم ئارال ۋە شەرقىي، شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچ مۇقىملىقىنى قوغداش ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. جۇڭگو يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئالتە تەرەپ سۆھبەت رامكىسى ئارقىلىق يېرىم ئارال يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى قوللايدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر