باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 14 ئورۇن مەملىكەتلىك 6 - نۆۋەتلىك دېھقانلارغا، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ شەرىپىگە ئېرىشتى

2016.01.07 14:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015 - يىل 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەملىكەتلىك 6 - نۆۋەتلىك دېھقانلارغا، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئورنى «ئىلغار كوللېكتىپ» شەرىپىگە ئېرىشتى.

  يىغىندا، ئىلغار كوللېكتىپلار تەقدىرلەندى، تەجرىبە ئالماشتۇرۇلدى، خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. قاتلاممۇقاتلام تاللاش، جەمئىيەتتىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش، تاراتقۇلار جاكارلاش قاتارلىق باھالاش تەرتىپىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىن قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيى، خوتەن شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكى، غۇلجا شەھەرلىك يېزا رادىيو - تېلېۋىزىيە - كىنو باشقۇرۇش باش پونكىتى قاتارلىق 14 ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئورنى «ئىلغار كوللېكتىپ» شەرىپىگە ئېرىشتى.

  مەملىكەتلىك 6 - نۆۋەتلىك دېھقانلارغا، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلارنى باھالاش پائالىيىتىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەشكىللىگەن. مەملىكەتلىك دېھقانلارغا، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلار ئىككى يىلدا بىر قېتىم سايلىنىدۇ، دېھقانلارغا، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان مەدەنىيەت ئورۇنلىرى تەقدىرلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر