باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە ئىككى بالىلىق بولۇش كىنىشكىسى بېجىرىشكە بولىدۇ، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ئالاقىدار كىنىشكىلەرنى ئېلىپ ئالدى بىلەن مەھەلىدە ئانكىت تولدۇرۇش كېرەك

2016.01.07 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:6-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە بۇ يىل 1-يانۋاردىن كېيىن تۇغۇلغان 2-پەرزەنت ئۈچۈن « تۇغۇت مۇلازىمەت گۇۋاھنامىسى»نى نورمال بېجىرلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ شىياۋچىن مۇنداق دېدى: 6-يانۋار، ئۈرۈمچى شەھەرلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئالاقىدار قارارغا ئاساسەن، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ« ئىككى بالىلىق بولۇش » تۇغۇت تىزىملاش مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە دائىملىق ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇرىدىغانلار« بىر بالىلىق تۇغۇت مۇلازىمەت كىنىشكىسى» تەرتىپى بويىچە ئىككى بالىلىق تۇغۇش مۇلازىمەت كىنىشكىسى بېجىرىسە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  5-يانۋار ئېلان قىلغان « ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن، ئېلىمىزدا تۇغۇشنى تىزىملاش مۇلازىمىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىككى پەرزەنت كۆرۈشتە، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كەتمەيدۇ، ئائىلە ئۆز ئالدىغا پەرزەنتلىك بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

  6-يانۋار چۈشتىن كېيىن، مۇخبىرنىڭ ئىقتىساد- تەرەققىيات رايونى( تۇدۇڭخابا رايونى) لوكېرېن كوچا مەھەللىسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى، ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن « ئىككى پەرزەنتلىك مۇلازىمەت كىنىشكىسى»نى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغان، نۆۋەتتە دائىملىق ئۈرۈمچى شەھىرى نوپۇسىدىكىلەر ئىككى پەرزەنتلىك مۇلازىمەت كىنىشكىسى»نى بېجىرگەندە، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى، توي خېتى، تويلىشىش - تۇغۇت ھالەت ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ، مەھەللىدە« تۇغۇت مۇلازىمەت كىنىشكىسى بېجىرىش ئۇقتۇرۇش ئانكىتى» نى تولدۇرىدۇ، ئارقىدىن مەھەللە ئىش باشقۇرۇش باشقارمىسى ئۇلار ئۈچۈن ھەقسىز تۇغۇت مۇلازىمەت كىنىشكىسى تارقىتىدۇ.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر