باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننى چېگرا رايوندا ئۇرۇش توختىتىش ھالىتىنى ساقلاشقا دەۋەت قىلدى

2016.01.07 12:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 5- يانۋار باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيەنى چېگرا رايوندا ئۇرۇش توختىتىش ھالىتىنى ساقلاشقا دەۋەت قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق قىسىمى تەدبىر قوللىنىپ لىۋان ۋە ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىپ، لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە چېگرا رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بەردى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق قىسىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى چارلىغۇچى ئاپتوموبىلى 4- يانۋار لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاقىتلىق چېگراسىنىڭ يېشىل سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىكى سابا دېھقانچىلىق مەيدانىغا يېقىن جايدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئارقىدىن لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى چېگرا رايوننى توپقا تۇتۇپ قايتۇرما زەربە بەرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر