باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 458 شامال گېنېراتورىنى ئالتە قىتئەگە ساتتى

2016.01.07 14:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زور بىر تۈركۈم كارخانىلار «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، داڭلىق ماركا يارىتىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىنى جاھانغا نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى 2015 - يىلى 458 شامال گېنېراتورىنى ئالتە قىتئەدىكى 17 دۆلەتكە ساتتى.

  شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى مەملىكەت بويىچە شامال ئېلېكتىرى ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ، ئاساسلىقى شامال گېنېراتورىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە ياسايدۇ. بۇ كارخانا 1998 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شامال گېنېراتورىنى ياسايدىغان ۋە شامال گېنېراتورىنىڭ پۈتۈن لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانىغا ئايلاندى.

  يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى قوللاش سىياسىتى شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنى داۋاملىق سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى 2015 - يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ساپ پايدىسىنى 2 مىليارد 108 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى. ئىقتىسادنىڭ ئومۇميۈزلۈك چېكىنىش بېسىمى كۈچىيىۋاتقان چوڭ مۇھىتتا بۇ شىركەتنىڭ بۇنداق ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئاساسلىقى تېخنىكىدا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىش ھەم پائال «سىرتقا يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت بازار ئېچىش ئەندىزىسى سەۋەب بولدى.

  شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ شۆجۈن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز كۆپ يىلدىن بۇيان خەلقئارالىشىش ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا بازار رىقابىتىگە پائال قاتنىشىپ، كەسىپنى دۇنيادىكى ئالتە قىتئەگە كېڭەيتتى. «سىرتقا يۈزلىنىش» شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەسى. شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى 2008 - يىلى كۇبادا تۇنجى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپسىنى قۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىنى ئاچتى. مەيلى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بولسۇن ياكى 21 - ئەسىردىكى دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى بولسۇن، شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپى داۋاملىق كېڭىيىپ، تەسىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى قاپلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر