باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا سەككىز مىڭغا يېقىن يولۇچى سوغۇق تۇمان سەۋەبىدىن تۇرۇپ قالدى

2016.01.08 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سوغۇق تۇماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 6- يانۋار ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىغا قونىدىغان ۋە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇمۇميۈزلۈك كىچىكىپ، سەككىز مىڭغا يېقىن يولۇچى تۇرۇپ قالدى.

  مۇخبىرنىڭ 6- يانۋار ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودورومى قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - يانۋار سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا ئايرودرومدا تۇمان پەيدا بولۇشقا باشلىغان بۇلۇپ، ئايروپىلان تەكشىلىكتە ئۇچۇشنى ساقلاپ تۇرغان. چۈشتىن كىيىن سائەت 4تە، ئايرودروم سېرىق رەڭلىك كەڭ كۆلەمدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكىش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئاخىرلاشتۇرغان. نۆۋەتتە ئايرودورومدا ئۇچۇش ئەسلىگە كەلدى.

  ئايرودروم سوغۇق تۇماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن،T 1ئاۋىئاتسىيە بىناسىدا 500يولۇچى، T 2ئاۋىئاتسىيە بىناسىدا 3200يولۇچى،T 3ئاۋىئاتسىيە بىناسىدا 4000يولۇچى تۇرۇپ قالدى.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا ئېكراندا كۆرسىتىش، رادىئودا نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرىنى تارقىتىش ئارقىلىق يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلدى.

  نۆۋەتتە، ھاۋا ياخشىلىنىپ، ئايرودورومدا ئۇچۇش ئەسلىگە كەلدى، يولۇچىلارمۇ ئايرودروم خادىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەرتىپلىك ھالدا ئايروپىلانغا چىقتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر