باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قاتار ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى

2016.01.08 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتار ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 6-يانۋار، ئىران نامايىشچىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قاتارنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەن.

  شۇ كۈنى، ئاممان بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىران نامايىشچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: يۇقىرىقى ھەرىكەتلەر ۋېينا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەھدىنامىسىگە خىلاپ، شۇڭا بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، ھەر بىر دۆلەت رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەدلىيە ئورگىنى 2-يانۋار تېررورچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن 47 مەھبۇسقا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى، بۇ ئىراندىكى شىئە مەزھىپىدىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئېتىرازىنى قوزغىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر