باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيەدە «چارلى ژۇرنىلى تەھرىراتى» ئوققا تۇتۇلۇش ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى

2016.01.08 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن يىلى 7-يانۋار فىرانسىيە ھەجۋىي رەسىم ژۇرنىلى «چارلى ژۇرنىلى » تەھرىراتى ئىسلام دىنى پەيغەمبىرىنىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى باسقانلىقى ئۈچۈن، ئەسەبىي ئۇنسۇرلار بۇ تەھرىر بۆلۈمىگە ھۇجۇم قىلىپ، 12 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. بىر يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئەسلى ئورنى لېنوئىر كوچىسىدا خاتىرە مۇنارى تىكلەندى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن پارىژ شەھىرىنىڭ باشلىقى بېرىپ يوپۇق ئاچتى، يېقىن ئەتراپتىكى ئامما قايغۇرۇش، ياد ئېتىش كەيپىياتى ئىچىدە يەنىلا ۋەھىمە ۋە قۇرقۇنۇش ھىس قىلىپ، ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى تېخى تۈنۈگۈنلا يۈز بەرگەندەك تۇيغۇدا بولدى. نۇرغۇن يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدىن باشقا بۇ ھەپتىدە پارىژدا يەنە بىر قاتار خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى جۈملىدىن 3-يانۋار ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېقىن يەردىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ھوللاندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چوڭ تىپتىكى ياد ئېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، بىر يىل بۇرۇن «چارلى ژۇرنىلى تەھرىراتى»غا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان 17 كىشى خاتىرلەندى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېقىنقى ئىككى ئاي ئىلگىرىكى زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان 130 كىشى خاتىرىلەندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر