باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىڭ كىشىلىك جىنسىي پاراكەندىچىلىك دىلوسى گېرمانىيەنى چۆچۈتتى

2016.01.07 13:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى يىل باشلىنىشىغا، مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بىر جىنسىي پاراكەندىچىلىك دىلوسى گېرمانىيەنى قاتتىق چۆچۈتتى. جىنايەت گۇماندارىنىڭ كۆپىنچىسىدە شىمالىي ئافرىقا ياكى ئەرەب رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. گېرمانيە زوڭلىسى مېركىل دىلونى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېنىقلاپ، جىنايەتچىلەرنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىنى تەلەپ قىلدى. ئانالىزچىلار، بۇ ۋەقە مۇساپىرلارنىڭ گېرمانىيە جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن كرىزىسىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ، دەپ قارىدى.

  گېرمانىيە ساقچى تەرەپ 4-يانۋار، كولۇن پويىز ئىستانسىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىل ئاتلاشنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قالايمىقانچىلىق چىقارغان، ئاز دېگەندە نەچچە ئون ئايال بۇلانغان ياكى جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان. ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنى كەچتە تەخمىنەن مىڭدەك ئەر بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا بۇ دىلوغا قاتناشقان. جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە شىمالىي ئافرىقا ياكى ئەرەب رايونىدىكىلەرنىڭ چىراي ئالاھىدىلىك بار ئىكەن، بىراق ساقچى تەرەپ يەنە، ئۇلارنىڭ يېقىندا يېڭىدىن گېرمانىيەگە كەلگەن مۇساپىرلار توپىغا تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر