باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما قورالنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى جاكارلىدى ھەمدە پارلامېنتىنى ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلدى

2016.01.07 12:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 5- يانۋار مەمۇرىي ۋاسىتىلار ئارقىلىق ئامېرىكىدا يۈز بېرىۋاتقان قوراللىق زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكىتىنى توسۇش ئۈچۈن، قورالنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى جاكارلىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارلامېنتىنى قورالنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە رول ئويناشقا دەۋەت قىلدى.

  ئوباما، بارلىق قۇرال ساتقۇچىلارنىڭ تىجارەت رۇخسەت گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشىشنى ھەمدە قۇرال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈشنى، بولمىسا جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈش خادىملىرىنى قوبۇل قىلىپ قورال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، 200 تەكشۈرۈش خادىمىنى كۆپەيتىپ قوراللارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار قانۇن مىزانلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ روھى كېسەللەرنى داۋالايدۇ. ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۇنيادا بىردىن بىر قوراللىق زوراۋانلىق دېلوسى كۆپ يۈز بېرىدىغان تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولۇپ، ھەر يىلى 30 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلىدۇ، شۇڭا قوراللارنى كونترول قىلىش مەسىلىسىگە سەل قاراشقان بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر