باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.01.07 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6-يانۋار گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇكاپاتلاش-جازالاشنى ئېنىق ئايرىش ئارقىلىق تىرىشچان، قابىل بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى؛ يېڭىدىن بىر تۈركۈم چېگرا ھالقىغان سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى تەسىس قىلىپ، يېڭى ئەندىزە بويىچە تاشقى سودىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تايانچ بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇلتۇردىن بۇيان، گوۋۇيۈەن ئىزچىل ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق زور قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، جايلار، تارماقلارنىڭ خىزمەتلەرنى ئاكتىپ ئىشلەپ ئېرىشكەن ئۈنۈملىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، سىياسەتنى يولغا قويۇشتىكى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، قىلىدىغىنىنى قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلىرىنى قاتتىق بۇيرۇق بىلەن تۈزەتتى. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بۇلتۇر كەپىلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ساقلانما مۈلۈك ۋە بوش تاشلىنىپ قالغان يەرلەرنى جانلاندۇرۇش قاتارلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىگەن تۆت ئۆلكە (شەھەر)، نۇقتىلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان 20 ۋىلايەت، شەھەر، 20 ناھىيە، رايون، تەكشۈرۈشتە مەسىلە بايقىلىپ تۈزىتىشى ياخشى بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئالتە ئورۇن ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەغدىرلىنىدۇ، 2016-يىلى يۇقىرىقى رايونلاردا ھەيدەكچىلىك قىلىنمايدۇ ۋە تۆۋەندىكىدەك رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ: بىرىنچى، دۆلەت مەبلەغ جەھەتتىن بۇ رايونلاردا نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى نورمىدىن تاشقىرى قوللايدۇ. ئىككىنچى، ھەيدەكچىلىك قىلىشتا قايتۇرۇۋېلىنغان مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما ۋە مەخسۇس يۆتكەلمە چىقىمدىكى مەبلەغنىڭ ھەممىسى بۇ رايونلارغا مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ. ئۈچىنچى، بۇ رايونلاردىكى كارخانىلارنىڭ قەرزگە ئىلتىماس قىلىش تەستىق ھالقىسى قىسقارتىلىدۇ. تۆتىنچى، بىر تۇتاش پىلانلاش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇ رايونلار يېڭىدىن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر بېرىش پىلان كۆرسەتكۈچى جەھەتتىن مۇۋاپىق قوللاشقا ئېرىشىدۇ. يېڭى ئەھۋالغا ئاساسەن شۇ جاينىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغايدىغان يېڭىچە مېخانىزم شەكىللەندۈرۈلىدۇ. بۇلتۇر ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە، يېقىندا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھۆكۈمەت ئىجارىلىك ئۆيىنىڭ بوش قېلىش، خەلق تۇرمۇشى تۈر مەبلىغى زور دەرىجىدە ساقلىنىپ قېلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەش كۈچلۈك بولماسلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، قىلىدىغىنىنى قىلماسلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، جايلار ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 900دىن ئارتۇق كادىرغا قانۇن-ئىنتىزام بويىچە خىزمەتتىن ھەيدەش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، ۋەزىپىسىدىن تۆۋەنلىتىش، گۇناھ يېزىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈردى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىمۇ مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان قىسمەن ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى ۋە ۋىلايەت، شەھەرلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى چاقىرتىپ سۆزلەشتى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزەشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزىملارنى ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش قىلالايدىغان كادىرلارغا تېخىمۇ چوڭ سەھنە ھازىرلاش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر