باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى»نى تارقاتتى

2016.01.05 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يەرلىك پارتكوم تۈزۈمى پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىكى مۇھىم تەشكىلىي تۈزۈم، بۇ تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەرەپ. «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك يەرلىك پارتكوملار ئۆز رايونىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەركەزنىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. يەرلىك پارتكوملار خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەرلىك پارتكوملارنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر