باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئويۇن كەسپىنىڭ كىرىمى 140مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2016.01.07 13:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-يانۋار دۆلەت ئاخبارات - نەشىرىيات - رادىئو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى دۆلىتىمىز ئويۇن كەسپىنىڭ كىرىمى 140مىليارد يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، ئويۇن ئوينىغۇچى سانى ۋە چەتئەلدىكى تەسىر كۈچى يەنىمۇ كېڭەيدى.

  جۇڭگو ئۈن - سىن ۋە رەقەم نەشىرىيات جەمئىيىتى ئويۇن نەشىرىيات خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئېلان قىلغان «2015-يىللىق جۇڭگو ئويۇن كەسپى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئويۇن (تېرمىنال ئويۇنى، تور بەت ئويۇنى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئويۇنى، كۆچمە ئويۇن، تاق كومپىيوتېر ئويۇنى، تېلېۋىزور ئويۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بازىرىنىڭ ئەمەلىي سېتىش كىرىمى 140مىليارد 700مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.9ئاشقان. تېز ئاشقان سانلىق مەلۇماتنىڭ كەينىدا جۇڭگونىڭ كۈنسىرى زورىيىۋاتقان ئويۇن ئوينىغۇچىلار توپى بار بولۇپ، 2015-يىلى جۇڭگودىكى ئويۇن ئابونتلىرىنىڭ سانى 534مىليون كىشىگە يەتكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر