باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

بىخەتەر تەرەققىياتتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، زور، پەۋقۇلئادە زور ھادىسىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىق سالدى

2016.01.07 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى قويۇپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانلىق ساۋاقلار جامائەت بىخەتەرلىكىنىڭ كىچىك ئىش ئەمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇردى، چوقۇم بىخەتەر تەرەققىياتتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك يوچۇقلارنى ئېتىپ، زور، پەۋقۇلئادە زور ھادىسىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي چەكلەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سالدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زور، پەۋقۇلئادە زور تۇيۇقسىز ھادىسىلەر مەيلى تەبىئىي ھادىسە ياكى مەسئۇلىيەت ھادىسىسى بولسۇن، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈپ تەلتۆكۈس تۈزىمەسلىك، قانۇن-نىزام، ئۆلچەم مۇكەممەل بولماسلىق، بىخەتەرلىك نازارەتچىلىكى قانۇن ئىجراسى قاتتىق بولماسلىق، نازارەت قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق، بىخەتەرلىك ئاساسى ئاجىز بولۇش. جىددىي قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولغانلىقىدىن بولغان.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر